OSJV
02 07, 2022
5- ئيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىتۇتگارتتا نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى
بۈگۈن 2022- يىلى 7- ئاينىڭ 2- كۈنى گىرمانىيە شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىمىز ھەر ئاينىڭ بىرىنجى شەنبە كۈنى ئېلىپ بىرىۋاتقان ئايلىق نامايىشى، شۇنداقلا 5- ئىيول ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشىمىز گىرمانىيەنىڭ شىتۈتگارت شەھرىدە ئېلىپ بىرىلدى. نامايىشقا شىتۈرتگارتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز قاتناشتى. نامايىش شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى ئورۇنلاش بىلەن باشلاندى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېرقىي قىرغىنچىلىق چۈشەندۈرۈلگەن 400 پارچە تەشۋىقات ۋارەقچىسى تارقىتىلدى.
OSJV
Ostturkestan Jugendverein in Deutschlan